Dergiler / Uluslararası Türk Lehçe Araştırmaları Dergisi (TÜRKLAD) / 2019 / Cilt: 3 - Sayı: 2
شەرقىي تۈركىستاندىكى مەنبەلەردە بەزى ئۇچۇرلارنىڭ خاتا ياكى كام بېرىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مىسال- ئەخمەت كامال ھەققىدىكى ئۇچۇرلار
- Sayfa
- 248–256
- DOI
- —
Özet
شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلىنغان بەزى مەنبەلەردە ئەخمەت كامال بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا بېرىلمىگەنلىكى بايقالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىشى ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى تارىخىدا تۇتقان ئورنى، تازا ئېنىق بولمىدى. بۇ ماقالىدا ئەخمەت كامالنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى، تولۇق ياكى توغرا بېرىلمىگەن ئۇچۇرلارنىڭ قايسى ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى، بۇ خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇش سەۋەپلىرىنى ۋە مۇشۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىشقا تىرىشىمىز. مەزكۇر ماقالىدا، مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان ۋە تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا، سېلىشتۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىش مېتودى ئىشلىتىلگەن. خاتا ئۇچۇرلارغا بىر مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ۋە تولۇق بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش، ئۇچۇر مالىمانچىلىقى مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارنى قوزغاش مەقسەت قىلىنىدۇ.
Abstract
It has been detected that some information regarding Ahmet Kemal was not provided right and exact in some resources published in East Turkestan. Furthermore, the place of this person in the history of Uyghur national education is not clear due to the lack of the information provided regarding Ahmet Kemal. In the study, life of Ahmet Kemal will be introduced in short, the reasons behind uttering him in the resources in East Turkestan, the wrong or lacking information, the reasons behind arising of such mistakes and the measures to be taken to prevent such mistakes will be indicated. In this paper, content comparison and analysis methods regarding printed resources have been used concerning the matter. The purpose of the paper is to emphasize the importance of providing exact and complete information through an example shown in terms of misinformation and attract attention to info-pollution.